ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ياۋرۇپانىڭ گۇئانتانامو تۇتقۇنلىرى ھەققىدىكى مەيدانىنى ئالقىشلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ۋە ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلىشى مۇمكىن بولمىغان مەھبۇسلارنىڭ بىر قىسمىنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى باياناتلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺕ
2008-12-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ ھەقتە سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاش توغرىسىدىكى قارارى ئۈچۈن، ئامېرىكا پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان باراك ئوباماغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ شۇنىڭدەك گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ بىر قىسىمىنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە بولۇپمۇ گېرمانىيە ۋە پورتۇگالىيە ھۆكۈمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، دېيىلگەن.

خىتاي تۈرمىلىرىدە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ داۋاملىق تەن جازاسى ۋە تۈرلۈك قېيىن - قىستاقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇلارغا ئادالەتلىك مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىلىرىگە ھېچقاچان ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى باياناتىدا شۇنىڭدەك 20‏ - يانۋار كۈنى پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى رەسمىي تاپشۇرۇپ ئالىدىغان باراك ئوباما ھۆكۈمىتىدىن گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنى ئامېرىكىغا ياكى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت