ئۇيغۇر ئېلىدە كۆچمە نوپۇسلار يەرلەشتۈرۈلمەكتە

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ھەر قايسى جايلاردىكى كۆچمەن نوپۇسلارنىڭ جايلاردا تۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش خىزمىتىنى جىددىي ئىشلەپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى 11 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەردە مەخسۇس تۇرۇش سالاھىيىتى بېجىرىپ بېرىش ئورنى قۇرغان بولۇپ، بۇنداق رەسمىيەت بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ سانى 2618گە يەتكۈزۈلۈپ، ھازىرغىچە 1 مىليون 118 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە تۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012-07-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، 12 - ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىزىمغا ئېلىنغان كۆچمە نوپۇسنىڭ سانى 1 مىليون 710 مىڭ ئىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان مۇئاۋىن رەئىسى كۆچمە نوپۇسلارنى يەرلەشتۈرۈش خىزمەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

ئۆتكەن ھەپتىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە 6 مىليون ئىچكىرىدىن كەلگەن كۆچمە نوپۇسنىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ «شىنجاڭدا يەرلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ھەقىقىي شىنجانلىقدەك ھېس قىلىشى» نى قولغا كەلتۈرۈش قارار قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. پەرەزلەرگە تايانغاندا ئەگەرچە مەزكۇر 6 مىليون ئىچكىرىدىن كەلگەن كۆچمە نوپۇس ھازىر بار 8 مىليوندىن ئارتۇق خىتاي نوپۇسى بىلەن بىرلەشسە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسى ئۇيغۇرلاردىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت