«ھوففىڭتون پوچتىسى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تەتقىقاتچىسى «ھوففىڭتون پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 2012 - يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.01.12


ئالىي تەتقىقاتچى ھېنرىي شاجەفىسكى ماقالىسىدە «ھەممە ئادەم يېڭى يىل خۇشاللىقىغا چۆمگەن پەيتلەردە، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئېنىقسىز» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ئۇ يەنە، خىتاي تۈرمىسىدىكى غەيرەت نىياز قاتارلىق يازغۇچىلارنى مىسال قىلىش ئارقىلىق خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ سوز - پىكىر ۋە ئۆزىنى ئىپادىلەش ئەركىنلىكىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بوغۇلغانلىقىنى روشەن كۆرسىتىپ بەرگەن.

ماقالىدە ئاپتور يەنە، چەتئەللەردىن قايتۇرۇلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل قاماق جازالىرىغا بۇيرۇلغانلىقى، بەزىلىرىدىن ھەتتا ھازىغىچە ئۇچۇر يوقلۇقىنى بايان قىلغان.

ئاپتور ماقالىدە ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى بىر قاتار ساناپ ئۆتكەن.

ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق دىنىي چەكلەشكە يولۇقۇۋاتقانلىقى ۋە كۆپلىگەن ئۇيغۇرنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىش» دېگەن باھانىلەر بىلەن قاماق جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى يېزىلغان.

ئۇ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىردىنبىر ئۈمىدنىڭ ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەرنى ئامالنىڭ بارىچە خاتىرىلەپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە سۇنۇشتا قالغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.