خىتاي دائىرىلىرى 2011- يىلىدا ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقچى

خىتاي دائىرىلىرى 2011- يىلىدا ئۈرۈمچىدە 15 مىڭ ئاھالىنى ئۆيىدىن كۆچۈرۈشنى پىلان قىلماقتا. بۈگۈن ئاسىيا كىندىكى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نامرات رايونلىرىدىكى ئۆيلەرنى تۈزەش قۇرۇلۇشى پىلانىنى يولغا قويغان بولۇپ، پىلان بويىچە 2011- يىلى 15 مىڭ كىشى ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈلىدىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ كۆلىمى 2010- يىلىدىكىدىن ئىككى ھەسسە زور بولۇپ، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قۇرۇلۇشقا زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، 150 مىڭ كىشىنى ئۆيلىرىدىن كۆچۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە پىلاننى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش پىلانىغا كېتىدىغان مەبلەغ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا تۈرلەر بويىچە ياردەم بېرىش سىياسىتى بويىچە، دۆلەتتىن بېرىلىدىغان نۇقتىلىق ئىقتىسادى ياردەم ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

گەرچە، خەۋەردە قايسى رايونلاردىكى ئۆيلەرنىڭ سۆكۈلىدىغانلىقى ۋە كىملەرنىڭ كۆچۈرۈلىدىغانلىقى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تۈرگە "ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان نامرات رايونلارغا ئالاھىدە ياردەم بېرىش تۈرى" دەپ ئىسىم قويۇلغانلىقىدىن قارىغاندا، بۇنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى ئاساس قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

چۈنكى، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىن كېلىپ ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئات بەيگە مەيدانى، تاشبۇلاق ۋە يامالىق تېغى رايونلىرىدا ئۆيلەرنى چېقىپ تۈزلىگەن ئىدى.