ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ يېڭى يىلى - چاغان يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەمسىتىش ۋە چەتكە قېقىش سىياسەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.01.14

باياناتتا، «28 - دېكابىر گۇما ۋەقەسى» دە 7 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ۋەقەنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۆز نارازىلىقىنى تىنچ يوسۇندا ئىپادىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى» غا يوللىنىدىغانلىقى 2001 - يىلى 7 ئۇيغۇرنىڭ شۇ خىلدىكى قىسمەتلەرگە دۇچار بولغانلىقى مىساللار بىلەن بېرىلگەن.

باياناتتا، يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانلىرىنى تاشلاپ سىرتلارغا مۇساپىر بولۇپ قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقى، شۇنداق شارائىتتا شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرغانلىقى ئەندىشە قوزغايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» نى ئۆز خەلقىگە تەھدىت سېلىش، ئۇلاردا ۋەھىمە پەيدا قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا يەنە ئىشلەتسە بولمايدۇ. خىتاينىڭ بۇ يىلقى چاغىنى خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئىرادىسىنى بىلدۈرىدىغان ۋە بېيجىڭغا شۇنى ئېنىق ئىپادىلەيدىغان پەيت.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.