كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

7 - نويابىر كۈنى ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا "خىتاي، مەركىزىي ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار" ماۋزۇسىدا بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىننى، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قارمىغىدىكى "ئىچكى ياۋرو - ئاسىيا جەمئىيەتلىرى تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشكىلاتى" مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، كەچ سائەت 6 دىن 8 غىچە داۋاملاشقان مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تۆت نەپەر ئۇيغۇرشۇناس ئۆز مۇھاكىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى، دوكتور گاردنېر بوۋىڭدون ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە سىياسىي ھاياتى ھەمدە خەلقئارا جەمىيەت ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشى، جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى، دوكتور جەمىس مىللىۋارد خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى ئىمپېرىيىلىك سىياسىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن پروفېسسورى شون روبېرت ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە ئومۇمىي ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشى مەسىلىسى شۇنىڭدەك يەنە بىر ئۇيغۇر دوكتور، ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدا ئۇيغۇر مەنبەلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىش مەسىلىلىرى قاتارلىق تېمىلاردا ئۆز مۇھاكىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، كەڭ دائىرە بويىچە سوئاللارغا جاۋاب بېرىش بولۇپ ئۆتتى.

يىغىنغا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى روبېرت بارنېت رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇيغۇر تارىخى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتى داررېن ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بېرىپ ئۆتتى.

يىغىنغا، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، پروفېسسورلىرى، نيۇيورك، بوستون، ۋاشىنگتون، نەۋ جېرسىي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر تېمىسىغا قىزىققۇچى ۋە ھەم شۇغۇللانغۇچى تەتقىقاتچىلار، مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار شۇنىڭدەك ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ، تەخمىنەن 200 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قاتناشقانلىقى مەلۇم.

ھەتتا ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن، ئورۇن تەگمەي، كۆپلىگەن كىشىلەر يەرلەردە ئولتۇرۇپ، ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلىدى. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قاتناشقۇچىلار ئىككى ئۇيغۇرلار تەييارلاپ كەلگەن تۈرلۈك ئۇيغۇرچە تائاملارغا ئېغىز تەگكەن بولۇپ، بۇ پائالىيەت نىيۇ - يورك ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن.