تەڭرى تېغى 1‏-نومۇرلۇق مۇز قاتلىمى تېز ئېرىپ، 40 نەچچە يىلدا 14 % كىچىكلىگەن

خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى ۋە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەڭ چوڭ مۇز قاتلاملىرىدىن بىرى بولغان تەڭرى تېغى 1‏-نومۇرلۇق مۇز قاتلىمىنىڭ ئېرىش قەدىمى تېزلىشىپ، يېقىنقى 44 يىلدا 14 % كىچىكلىگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.07.20

ئانالىزچىلار مۇز قاتلىمىنىڭ ئېرىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىپ كېتىشى، يەر شارى ئىقلىم ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، بىراق نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، سانائەتلىشىش، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى قاتارلىق ئادەملەر پەيدا قىلغان سۈنئىي ئامىللارنىڭ رولىنىڭمۇ زورلۇقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە قاراشلىق تەڭرى تېغى مۇز قاتلىمىنى ئۆلچەش پونكىتىنىڭ مەسئۇلى لى جوڭچىن، 1-نومۇرلۇق مۇز قاتلىمىنى ئۆلچەش يولغا قويۇلغان 1959‏-يىلدىن بۇيان، مەزكۇر مۇز قاتلىمىنىڭ ئىزچىل كىچىكلەپ ماڭغانلىقىنى، 80-يىللاردىن باشلاپ ئېرىش قەدىمى تېزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مۇز قاتلىمى 1962‏-يىلدىن 2006-يىلغىچە بولغان 44 يىلدا 14% كىچىكلىگەن. 1962‏-يىلى ئومۇمى كۆلىمى ئاز كەم 2 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان مۇز قاتلىمى 2006-يىلى 1.68 كۋادرات كىلومېتىرغا، قېلىنلىقى 15 مېتىرغا چۈشۈپ قالغان.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنى كېڭەيتىپ، 2020‏-يىلغا قەدەر نوپۇسىنى 5 مىليونغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان خىتاي دائىرىلىرىگە يېڭى رىقابەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇھىتى ۋە ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى ئىلگىرىلەپ قىيىنلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.