ئۇيغۇر نېفىتلىكىدىن خىتايغا يۆتكەلگەن تەبىئىي گاز 15 مىليارد كۇبمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن

2008 - يىلى بىر يىل جەريانىدا، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق تارىم نېفىتلىكىدىن خىتاي شەھەرلىرىگە يۆتكەلگەن تەبىئىي گاز 15 مىليارد كۇبمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 23 ‏ - دېكابىر ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسى 4 يىللىق توشۇش تارىخىدا تۇنجى قېتىم يۇقىرى سەۋىيە ۋە رېكورت ياراتقان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008-12-29
Share

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تارىم نېفىتلىكىدىن كۈنىگە 42 مىليون كۇبمېتىر تەبىئىي گاز توشۇلىدىغان بولۇپ، ئەمما بۇ سان قىش كىرگەندىن بۇيان 47 مىليون كۇبمېتىرغا كۆپەيتىلگەن.

مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل يىل ئاخىرىغىچە تارىم نېفىتلىكىدىن توشۇلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ ئومۇمى مىقدارى 15 مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈلۈپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 2 مىليارد 100 مىليون كۇبمېتىر كۆپەيتىلگەن.

خىتاي بۇيىچە ئەڭ چوڭ تەبىئىي گازلىق تارىم نېفىتلىكىگە جايلاشقان.

خەۋەردە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە تارىم نېفىتلىكىدە ئالدىن مۆلچەرلەنگەن تەبىئىي گاز مىقدارى 700 مىليارد 200 مىليون كۇبمېتىر بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ شەرقى رايونلىرىنى 30 يىل مۇقىم گاز بىلەن تەمىنلەشكە يېتىدىكەن.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت