خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تارىم نېفىتلىكىدىن كۈنىگە 42 مىليون كۇبمېتىر تەبىئىي گاز توشۇلىدىغان بولۇپ، ئەمما بۇ سان قىش كىرگەندىن بۇيان 47 مىليون كۇبمېتىرغا كۆپەيتىلگەن.
مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل يىل ئاخىرىغىچە تارىم نېفىتلىكىدىن توشۇلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ ئومۇمى مىقدارى 15 مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈلۈپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 2 مىليارد 100 مىليون كۇبمېتىر كۆپەيتىلگەن.
خىتاي بۇيىچە ئەڭ چوڭ تەبىئىي گازلىق تارىم نېفىتلىكىگە جايلاشقان.
خەۋەردە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە تارىم نېفىتلىكىدە ئالدىن مۆلچەرلەنگەن تەبىئىي گاز مىقدارى 700 مىليارد 200 مىليون كۇبمېتىر بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ شەرقى رايونلىرىنى 30 يىل مۇقىم گاز بىلەن تەمىنلەشكە يېتىدىكەن.