غەربنىڭ گازىنى شەرىققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى ئىزچىل داۋاملاشماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.12.04
2008.12.04
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل تۇرۇبا يولىنىڭ 1573 كىلومېتىرلىق بۆلىكىنى پۈتتۈرۈش پىلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تەشكىللىگەن 4600 كىشىلىك 15 قۇرۇلۇش ئەترىتى بۇ تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ غەربتىكى لىنىيىسىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن جىددى ئىشقا كىرىشكەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى، خىتاينىڭ " غەربنىڭ گازىنى شەرىققە يۆتكەش " قۇرۇلۇشىغا ئىزچىل تۈردە قارشىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېخى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئىشقا ئاشۇرۇلمىغان گاز تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشىنىڭ، نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىگە تورسىمان شەكىلدە تۇتاشتۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئى بايلىقلارنىڭ زېمىننىڭ ئىگىسى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيۋاتقانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىسپاتى ئىكەن.









