خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتمەكچى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن باش سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، 19-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان 2012-يىللىق ئىقتىسادىي پىلان يىغىنىدا، رايوننىڭ ئىقتىسادىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈشنى، بولۇپمۇ ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان چېگرا سودىسىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان چېگرا سودا تىجارىتى 2011-يىلى تۇنجى قېتىم 11 مىليارد دوللاردىن ئاشقان. بولۇپمۇ، قازاقىستان بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقى كۈچەيگەن بولۇپ، 2011-يىلى بىر يىل ئىچىدە قازاقىستان بىلەن بولغان سودا كېلىشىمى 9 مىليارد دوللاردىن ئاشقان.

بۇ ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە قازاقىستاندا « جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى باشلىغان. خىتاي، قازاقىستان ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر ئۆز قاراشلىرىدا، خىتاي بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل يېقىنچىلىققا باھا بېرىپ، بۇنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئالاقىسىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى خىتاينىڭ نەزىرىدە، « ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تىنچلىقىغا بىۋاسىتە خەۋپ يەتكۈزگۈچىلەر» دەپ قارىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.