خىتاي قارىغا ئېتىش كوماندىسىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيىسى خىتاي دۆلەتلىك قارىغا ئېتىش كوماندىسىدىكى ئوسمان ئىسمائىل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ماھىرنى تونۇشتۇردى. ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئوسمان ئىسمائىلنى خىتاي دۆلەتلىك قارىغا ئېتىش كوماندىسىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر ماھىر دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن ئوسمان ئىسمائىل ئۆزىنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى بىلەن خىتاي دۆلەتلىك كوماندىسىغا تاللىنىپ، مەشىق قىلدۇرۇلماقتا.

خىتاي تېلېۋىزىيىسىدىكى تونۇشتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، ئوسمان ئىسمائىل خىتاي تىلىنى ياخشى بىلمىسىمۇ، لېكىن تىرىشىپ، ماھارەت ئۆستۈرمەكتە ئىكەن. خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى بۇ ئۇيغۇرنىڭ دۆلەتلىك كوماندىغا تاللىنىشىنى تۇنجى چوڭ ۋەقە ھېسابلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن 50 يىل ئىلگىرىلا قارىغا ئېتىش بويىچە ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، رېكورت ياراتقانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

ئوسمان ئىسمائىل بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نۇقتىسىدىن ئالغاندا، دۆلەتلىك كوماندىدىكى تۇنجى شەخس ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭدىن 50 نەچچە يىل ئىلگىرى ئەسلى ئاتا - ئانىلىرى ئىلىدىن كۆچۈپ كېلىپ، قازاقىستانغا يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن مەخمۇت ئۆمەروف سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىك قارىغا ئېتىش كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە، دۇنيا ۋە ياۋروپا مۇسابىقىلىرىغا قاتنىشىپ، بىر قانچە قېتىم چېمپىيون بولغان.

قازاقىستانلىق تارىخچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى لېنىنگراد ھەربىي مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى بولۇپ خىزمەت قىلغان مەخمۇت ئۆمەروپف، قارىغا ئېتىش بويىچىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ كۈچلۈك ماھىر بولۇپ، ئۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا چېمپىيونلۇق نەتىجىسى ياراتقان. ئۇ ۋاقىتتا، جۇڭگولۇقلاردىن تېخى قارىغا ئېتىش بويىچە ئولىمپىكتە نەتىجە قازىنالىغىدەك ئادەم چىقمىغان ئىدى.