خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە سەبىيلەر مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى

ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى" شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە " ئاز سانلىق مىللەت بالىلار مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشى " نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتمەكچى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى مەخسۇس 3 مىليارد 750 مىليون يۇەن مەبلەغ ئاجراتقان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەبلەغ سېلىش پىلانى بەش يىلنى مۆلچەر قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر سەبىيلەر مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇشقا ئاجرىتىلىدىغان مەزكۈر مەخسۇس مەبلەغنىڭ ئىككى يۈز مىليوندىن كۆپرەكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ھەم قىزىلسۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بالىلار مائارىپىغا سەپلىنىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق مىللەت سەبىيلەر مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزا ‏ - كەنتلەرگىچە قوش تىل بالىلار باغچىلىرىنى قۇرۇپ،خىتاي بالا تەربىيىچىلىرىنى كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسىنىمۇ خىتاي تىلى ئارقىلىق ئېلىپ بارماقتا.