خىتاي ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۈچۈن 4 مىليون يۈەن خەلق پۇلى ئاجراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك - دورا نازارەت ئىدارىسى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، 40 قا يېقىن ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ سۈپىتىگە قارىتا باھالاش ئېلىپ بارىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل سۈپەت تەكشۈرۈشى بۇ يىل يىل ئاخىرىغىچە تاماملىنىدىكەن.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورا ماتېرىياللىرىدىن 115 تۈرى، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مىللىي تېبابەت دورىلىرىدىن 87 خىل دورا ئىشلىتىلىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن بۇ دورىلار ئۈستىدىكى تەتقىقات يەنىلا ئاجىز بولۇپ، بۇ دورىلار تېخى دورا زاۋۇتلىرى تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلمىگەن ئىكەن.