خىتاينىڭ 2015-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر مىليون ئاھالىنىڭ توك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋەدىسى غۇل-غۇلا قوزغىدى

يېقىندىن بۇيان خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆپىيىۋاتقان، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2015-يىلغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر مىليون ئاھالىنىڭ توك مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پىلان-ۋەدىلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خەلقئارادا دىققەت قوزغىدى.

خىتاي مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا-كەنت، تاغ-يايلاقلاردىكى دېھقان-چارۋىچىلار بولۇپ تەخمىنەن بىر مىليونغا يېقىن ئاھالە توك بولمىغان شارائىتتا ياشايدىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2012-يىلى يىل ئاخىرىغىچە ئىلگىرى توك بولمىغان ئاھالىلەردىن 23 مىڭ100 ئاھالىگە توك يەتكۈزۈپ بېرىش، توك يېتىشمەسلىك ئېغىر بولۇۋاتقان 87 مىڭ700 ئاھالىنىڭ توك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئۇيغۇر ئېلىدىكى3 مىليون ئاھالىنىڭ توك توختاپ قېلىش مەسىلىلىرىنى تەرتىپكە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا، خىتاينى نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر مىليون ئاھالىنىڭ 2012-يىلىمۇ توك مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنماسلىقى نۆۋەتتە خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدا غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايلىقنى تەقسىم قىلىنىشىدىكى تەڭسىزلىك سىياسىتى تەنقىدلەنمەكتە.