ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى قورغاس-جېتىگېن تۆمۈر يولى بۇ يىل 12‏-ئايدا تۇتاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن

ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى قورغاس-ئالتېقول تۆمۈر يولىنىڭ 2012‏-يىلى كىرىشتىن بۇرۇن پۈتۈپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشىدىن ئۈمىد بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە بۇ خىتاي تۆمۈر يول دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇقەررەرلەشتۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، بىراق تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى بىلەن مەشغۇل قۇرۇلۇش شىركەتلىرى قورغاس-ئالتېقول تۆمۈريولى 12‏-ئاينىڭ ئىچىدە تۇتاشتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقىنىڭ چوڭلۇقىدىن سۆز ئاچقان.

بۇنىڭدىن بۇرۇن قازاقىستان سانائەت ۋە ئۇچۇر تېخنولوگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئاسسەت ئىسسەكېشىف قازاقىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە مەلۇمات بېرىپ، تۆمۈريولنىڭ قازاقىستان تەرەپتىكى قۇرۇلۇشى يېڭى يىل كىرىشتىن بۇرۇن پۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. غۇلجا بىلەن ئالماتانى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان قورغاس-ئالتىقول تۆمۈر يولى خىتاي بىلەن ياۋرو-ئاسىيا تۆمۈريول تورى قۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى.

خىتاي ۋە قازاقىستان رەھبەرلىرى بۇ يىل 6‏-ئايدا بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، قورغاس-ئالتېقول تۆمۈر يولىنى تۇتاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان. قورغاس تۆمۈر يول بېكىتى غۇلجا شەھىرىگە 88 كىلومېتىر، قورغاس چېگرا ئېغىزىغا 15 كېلىدىغان چىڭسىخوزا بازىرى ئەتراپىغا ياسالغان.

بەزى ئۇيغۇر ئانالىزچىلار مەزكۇر تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى پۈتۈپ قاتناش باشلانسا، ئىلى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تېخىمۇ شىددەتلىك ئېقىمىغا ئۇچراپ، يەرلىك مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئۆرۈپ-ئادەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئېغىر نابۇت بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرىمەكتە ئىكەن.