ئۇيغۇر خرىستىئان ئالىمجان ھىمىتنىڭ ئايالى دۇنيا خرىستىئانلىرىغا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى

خىتايدا 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر خرىستىئان ئالىمجان ھىمىتنىڭ ئايالى گۈلنۇر، دۇنيا خرىستىئانلىرىغا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، يولدىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر خرىستىئان مۇرىتى ئالىمجان ھىمىت، "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى" بىلەن 2009 - يىلى 25 - نويابىر قەشقەردە 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

5 - فېۋرال خرىستىئان خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، ئالىمجاننىڭ رەپىقىسى گۈلنۇر خانىم ئۆزىنىڭ دۇنيا خرىستىئانلىرىغا قارىتىلغان مۇراجىتىنى قىسقا فىلىم شەكلىدە 18 - يانۋار ئېلان قىلغان. مەزكۇر مۇراجىئەتنامە 28 - يانۋارغىچە 10 دىن كۆپ تور بەتلىرىگە چاپلانغان.

ئالىمجان 2008 - يىلى 11 - يانۋار خرىستىئان دىنىنى تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئىدى.

نۆۋەتتە ئامېرىكىغا جايلاشقان "جۇڭگوغا ياردەم جەمئىيىتى" دىكى پائالىيەتچىلەر ئالىمجان مەسىلىسى خەلقئاراغا ئاڭلىتىپ كەلگەن بولسا، خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىكى لى بەيگۇاڭ قاتارلىق ئادۋوكاتلار ئالىمجاننى ئاقلاش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە.

ئۇيغۇر خرىستىئان ئالىمجاننىڭ دېلوسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2009 - يىلى ئېلان قىلغان دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا ئالىمجان ھىمىتنىڭ مەسىلىسىگە مۇئەييەن ئورۇن بېرىلگەن ئىدى.