بېيجىڭ شەھەرلىك گوڭشىڭ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى لى بەيگۇئاڭ، بۇ ئەرزنامىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللىغان.
بۇ ئەرزنامە قانۇنىي ھوقۇق تور بېتىدىمۇ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئادۋوكات لى بەي گۇئاڭ مەزكۇر ئەرزىدە، قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالىمجان ھىمىتنى "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەللەرگە ئاشكارىلىدى" دەپ ئەيىبلىشىنىڭ ۋە كۆرسىتىلگەن جىنايى پاكىتلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەرزدە يەنە، قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قانۇنىي تەرتىپلىرىنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىقى، سوتنىڭ ئوچۇق - ئاشكارە بولمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئادۋوكات لى بەيگۇئاڭ يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلاردىن قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى چىقارغان سوت قارارىنى ئىناۋەتسىز قىلىشنى، تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىللەپ، قانۇنىي ئۆلچەملەرگە تايىنىپ، مەسۇلىيەتچانلىق بىلەن ئوبيېكتىپ ھالدا مەزكۇر دېلونى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇيغۇر خرىستىيان مۇرىتى ئالىمجان ھىمىت 2007 - يىلى 1 - ئايدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىدى. ئۇ، ئۆتكەن يىلى 5 - ئايدا، "دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش" ۋە "چەتئەللىكلەرگە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش" دېگەندەك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن.
ھالبۇكى، ئۆتكەن يىلى، 28 - ئاۋغۇست ئېچىلغان ئىككىنچى قېتىملىق سوتتا، ئۇنىڭغا "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەللىكلەرگە ئاشكارىلاش" جىنايىتى مۇقىملاشتۇرۇلغان. ئۇ يېقىندا شۇ جىنايەت بىلەن 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
