خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 6347 نەپەر دۆلەت خىزمەتچىسى قوبۇل قىلىش ئېلانى رايوندىكى مىللىي تەڭسىزلىكىنى ئوپئوچۇق ئاشكارىلىدى

خىتاي يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدا 6347 نەپەر دۆلەت خىزمەتچىسى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا بايان قىلىنغان مىللەتلەر نىسبىتى ئۇيغۇر رايوندىكى مىللىي تەڭسىزلىكىنى، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىشتا چەتكە قېقىلىش ھەتتا كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئوپئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا، ئاپتونوم رايون بويىچە نازارەت دەرىجىلىك ئورۇنلارغا قوبۇل قىلىنىدىغان، خىتاي خىزمەتچىنىڭ سانى 50، ئۇيغۇر خىزمەتچىنىڭ سانى 7 دەپ بېكىتىلگەن؛ ئوبلاست ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك ئورۇنلارغا بولسا، قوبۇل قىلىنىدىغان خىتاي خىزمەتچىنىڭ سانى 120، ئۇيغۇر خىزمەتچىنىڭ سانى 13، قازاق خىزمەتچىنىڭ سانى 1، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سانى 10 دەپ بېكىتىلگەن.

ئۇقتۇرۇشتا، نېمە ئۈچۈن خىتاي خىزمەتچىلەرگە بېرىلىدىغان ساننىڭ بۇنچە كۆپ، ئۇيغۇرلارغا بۇنچە ئازلىقى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بېرىلمىگەن. ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىنىڭ نوپۇس نىسبىتىدە ئۇيغۇرلار 46%ni, خىتاي 39%ni ئىگىلەيدۇ؛ نوپۇستىكى بۇ نىسبەتنىڭ دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى قوبۇل قىلىشتا نەزەرگە ئېلىنماسلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتىدىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئورنىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ قېتىم دۆلەت خىزمەتچىسى قوبۇل قىلىشتىكى بۇ خىل كەمسىتىش سىياسىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر توريازارلىرى ئارىسىدا كەڭ-كۆلەمدە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.