خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى 21 نۇقتىلىق يادىكارلىق ئورنىنى قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئاجراتتى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىپەك يولى مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەمدە قوغداش ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى 240 مىليون ئاجرىتىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.09.16

 مەزكۈر مەبلەغ تۈرىگە يىپەك يولىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بۆلىكىدىكى 21 مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى نۇقتىلىق ئورۇن قىلىپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ئۇلار ئاساسەن تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي رايونلىرى، قەشقەر، خوتەن، تۇرپان ۋىلايەتلىرىگە مەركەزلەشكەن قەدىمىي يادىكارلىق ئىزنالىرى ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەتقىقاتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بەزى ئالىم ھەم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى رېمونت قىلىش ھەم قوغداشنى 11 - بەش يىللىق پىلانغا كىرگۈزگەن ھەم مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان بولسىمۇ، مەبلەغ جايىغا ئىشلىتىلمىگەندىن سىرت، ئەسلى مۇھىم بولغان يەنى ئۇيغۇر ئېلىدە قەدىمدىن ياشاپ ئۆتكەن خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىزلىرىنى قوغداش ئىشلىرىغا ئېتىبار بېرىلمەي، ئەكسىچە بۇ خىل ئەھمىيەت بېرىش يېقىنقى تارىخلارغا ئائىت يەنى كۆچمەن مىللەتلەر تارىخى ئىزلىرىغا دائىر يادىكارلىقلارنى گەۋدىلەندۈرۈشكە قارىتىلماقتا ئىكەن.

ھەتتا قەشقەردىكى مەھمۇد قەشقىرى ھەمدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىلىرىمۇ يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن ساياھەتچىلىككە ئېچىش ئۈچۈن بەزى خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلارغا ھۆددىگە بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. ئەكسىچە، يېقىندا قەشقەردە زىيارەتتە بولغان تۈركىيە دۆلەت سودا ئىشلىرى مىنىستىرى كۇرشات تۈزمەن، تۈرۈكشۇناش ئالىم مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرىسىنى رېمونت قىلىش ھەم قوغداشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ھۆددە قىلغان ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.