خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزا، كەنتلىرىدە ئون بېشىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويماقتا

ئۇيغۇر ئېلى تىنچلىق تورىنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈرلۈك يەرلىك سىياسەت ھەم تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان بەزى يېزا، كەنتلەردە ھەر ئون ئائىلىگە بىر باشلىق يەنى ئون بېشىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، توقسۇ ناھىيىسىنىڭ چەت ياقىسىغا جايلاشقان تۆت كەنتتىلا 408 نەپەر ئون بېشى تەيىنلەنگەن بولۇپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ھەم پارتىيە ياچېيكىلىرى ئۇلارغا يۈز يۇەندىن مائاش بەلگىلىگەن.

كەنتلەردە ئون بېشىلىق ۋەزىپىسىگە قويۇلغانلار، ئاساسەن پېنسىيىگە چىققان كەنت - يېزا كادىرلىرى ھەمدە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات قاتارلىقلار بولۇپ،ئۇلار كەنت ھەم يېزا پارتىيە ياچېيكىلىرىغا ماسلىشىپ ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان ئون ئائىلىنىڭ كۈندىلىك ئىجتىمائىي، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېتىقاد پائالىيەتلىرى ھەمدە سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىلىنىش ئەھۋالىنى كۈزىتىدىكەن ھەم باشقۇرىدىكەن.

يېقىندىن بۇيان پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا مۇقىملىقنى قوغداش باھانىسىدە تۈرلۈك سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغالغان بولۇپ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزا، كەنتلەردە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش جەھەتتە قايتا تەربىيىلەش باشلانغان، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن 65 ياشتىن يۇقىرى بولغان ياشانغان، دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلارنى، مويسىپىتلارنى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى سەييارە نۇتۇق سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان.