خىتاي ھۆكۈمىتى دەم ئېلىشقا چىققان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ 14 - ئۆكتەبىر ئۇچۇر بېرىشىچە، يېقىنقى كۈنلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىشىغا، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس ئۇختۇرۇش چۈشۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بۈگۈن بۇ ھەقتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىغا بايانات بېرىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى دەم ئېلىشقا چىققان ئۇيغۇر كادىرلارغا دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق، مەسچىتكە كىرمەسلىك، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق، تۈرلۈك ئاممىۋى نامايىش شۇنداقلا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرگە قاتناشماسلىق بۇيرۇقى چۈشۈرگەندىن باشقا، ئۆز مەھەللىسىنىڭ ھەپتىلىك ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشنى بۇيرىغان ۋە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ مەمۇرىي ھەمدە قانۇنىي جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

دىلشات رىشىت باياناتىدا "خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۈر چەكلىمىسى، دەم ئېلىشقا چىققان ئۇيغۇر پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزۇۋاتقانلىقىدىن باشقا، يەنە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق، دىنىي ھەق ھوقوقلىرىنى قايسى دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ "دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇنىدا بارلىق پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان دىنىي سىياسىتىدە بارلىق خىزمەتچى كادىرلار، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشىنى قاتتىق چەكلەپ كەلمەكتە.