ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىغان نېفىت ۋە تەبئىي گاز مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا

ئۇيغۇر دىيارى ‏خىتاي بۇيىچە ئەڭ چوڭ نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقى مول ھەم مەركەزلىك جايلاشقان رايون بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى پەيشەنبە كۈنى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 13 مىليون توننىدىن ئاشقانلىقىنى، تەبىئىي گاز مىقدارىنىڭ 11 مىليارد 940 مىليون كۇپمېتىرغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن %16 ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.09.25

خەۋەردىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە 2007 ‏ - يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 26 مىليون 400 مىڭ توننىغا، تەبىئىي گاز مىقدارى 21 مىليارد 100 مىليون كۇپمېتىرغا يېتىپ، بۇ رايون پۈتۈن خىتاي بۇيىچە ئەڭ چوڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا ئايلانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ھازىرغا قەدەر غەربنىڭ گازىنى شەرىققە يەتكۈزۈش، خىتاي - قازاقىستان خام نېفىت تۇرۇبا لىنىيىسى، ئۈرۈمچى - لەنجۇ تەييار ماي تۇرۇبا لىنىيىسى، غەربىي دىيار خام نېفىت تۇرۇبا لىنىيىسى قاتارلىق نېفىت قۇرۇلۇشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىتاي شەھەرلىرىنى يېقىلغۇ ۋە ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلىمەكتە ھەمدە بۇنىڭدىن كۆپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرگە ئېرىشمەكتە.

بىراق، چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىزچىل تۈردە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مول نېفىت بايلىقىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىلچە مەنپەئەتلىنەلمەي كېلىۋاتقانلىقىنى، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئىشسىزلار سانىنىڭ كۆپلىكىنى، ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىقتا ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.