ۋاڭ لېچۇەن مۇنداق دېگەن: " شىنجاڭنىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەم ئۆزگىرىشلىرىنى، ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سالغان خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن شىركەت ھەم گۇرۇھلار ئۇيغۇر ئېلىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن يۆلەپ، خەلقنىڭ باي بولۇشىغا يول ئېچىپ بەرمەكتە. بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇلار بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك. ھالبۇكى ئۈچ خىل كۈچلەر رايونىمىزدا مىللەتلەر ئارىسىدا ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنماقتا، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىمىز بىلەن كومپارتىيە ھەم ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان مىللىي، دىنىي ھەم ئىقتىسادى، مائارىپ سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارىتا يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇشنى توختاتماي ئېلىپ بېرىشىمىز، قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ جۇڭگونىڭ مۇھىم چېگرىسىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىشىمىز كېرەك".
ۋاڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق ساھە ھەم قاتلاملىرىدا ھازىردىن باشلاپ ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە، شىنجاڭنىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتىنى تەھلىل قىلىش، ئۈچ ئايرىلالماسلىق ئىدىيىسىنى قايتا ئۆگىنىش، ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى ھەم بۆلگۈنچىلەرنى سۆكۈش - تەنقىد قىلىشنى ئاساس قىلغان قايتا تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن يەرلىك مىللەتلەرگە باراۋەر سىياسەت تۇتمىغانلىقى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپ،ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەرزان ئىشلەمچىلىككە يۆتكىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئەكسىچە يەنىمۇ كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە مەبلەغ سېلىش، بايلىق ئېچىش،ئىقتىساد يارىتىش ھەمدە نۇرغۇن ياخشى ئىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشمەكتە.
ئەمما ئۇيغۇرلار بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي بېسىم ئىسكەنجىسىدە ياشىماقتا. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ھەر قانداق نارازىلىق ئىپادىسى ئاتالمىش " ئۈچ خىل كۈچ" كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈلۈپ قاتتىق باستۇرۇلماقتا.
