'شىنجاڭ گېزىتى' ۋاڭ لېچۈەننىڭ 'ئوتتۇز يىللىق نەتىجە' تەشۋىقاتىنى قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەش سۆزى دەپ خەۋەر قىلدى

'شىنجاڭ گېزىتى' ۋاڭ لېچۈەننىڭ 12 ‏ - ئاينىڭ 8 ‏ - كۈنى بىر چوڭ زىياپەتتە قىلغان سۆزىنى ۋاڭ لېچۈەننىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەش سۆزى دەپ خەۋەر قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.12.10

ۋاڭ لېچۇەن سۆزىنى ھەر مىللەت ئىشچى - دېھقانلىرى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر، زىيالىيلار، پېنسىيىگە چىققان كادىرلار، سودا - سانائەت ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلەر، ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرى ۋە ساقچىلاردىن بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن قىزغىن ھال سورايمەن، دەپ باشلىغان.

ۋاڭ لېچۈەننىڭ 20 نەچچە مىڭ خەتلىك بۇ دوكلاتىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتى ھەققىدە بىرەر چۈشەنچە ياكى ھېسداشلىق ئىپادىلەنمىگەن. ۋاڭ لېچۇەن بۇ دوكلاتىدا پۈتۈنلەي كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 30 يىلدا قازانغان قوش تىللىق مائارىپ قاتارلىق نەتىجىلىرىنى ماختىغان ۋە 'ئۈچ خىل كۈچلەر' دەپ ئاتالغان دۈشمەنلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.