ۋاشىنگتوندا 20 دۆلەت يىغىنى ئېچىلدى

15 - نويابىر كۈنى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، خىتاي، ھىندىستان، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ھىندونېزىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ۋاشىنگتون شەھىرىگە جەم بولۇپ، خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىنى ھەل قىلىش مەسىلىسى بويىچە يىغىن چاقىردى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.11.16

بۇ يىغىندا ئاساسلىقى، پۇل - مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، نازارەتنى كۈچەيتىش، پۇل - مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇكەممەللىكىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش مەسىلە مۇھاكىمە قىلىندى.

يېقىندىن بۇيان جىددىيلىشىپ كەتكەن پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ مەسىلىنى ئورتاق ھەل قىلىش ھەممە دۆلەتلەرنىڭ ئالدىغا قويغان ئورتاق نىشان بولۇپ قالغان.

20 دۆلەت يىغىنى جەريانىدا، پرېزىدېنت بۇش ھەر قايسى ئەل رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەندىن سىرت يەنە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋمۇ ئايرىم سۆھبەتتە بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.