ۋاشىنگتوندا ئىپتارلىق ئۇيۇشتۇرۇلدى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.09.28
2008.09.28
ئىپتارلىق پائالىيىتى پايتەخت ۋاشىنگتون يېنىدىكى مەكلىن رايونىدىكى ئاممىۋى پائالىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا پايتەخت ئەتراپىدىكى ۋېرجىنىيا، ماريلاند شىتاتلىرىدا ھەمدە باشقا شتاتلاردىن شۇنىڭدەك قازاقىستاندىن كەلگەن مېھمانلار ئىشتىراك قىلدى.
ئىپتارلىق پائالىيىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، كۆپچىلىكنى رامىزان بىلەن تەبرىكلىدى ھەمدە تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، مىللىي دەۋا پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.
مېھمان سۈپىتىدە قازاقىستاندىن كەلگەن، قازاقىستان دۆلەتلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ قارمىغىدىكى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى، مەرھۇم يازغۇچى زىيا سەمەدىنىڭ ئوغلى رىزا سەمەدى ئەپەندىمۇ سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا سەپىرىدە كۆپچىلىك بىلەن بىرگە بولغانلىقىدىن خۇش بولغانلىقىنى شۇنىڭدەك قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سالىمى ۋە ئارزۇلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
ئىپتارلىق پائالىيىتى كەچ سائەت 9 لارغىچە داۋاملاشتى.