جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

15 - نويابىر كۈنى، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمىيىتى پايتەخت ۋاشىنگتون يېنىدىكى شىمالىي ۋىرجىنىيە ئىجتىمائىي ئالىي تېخنىكومى زالىدا 1933 - يىلى ۋە 1944 - يىلى، 12 - نويابىر كۈنلىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008-11-16
Share

ۋىرجىنىيە، نيۇيورك، مەرىيلاند ۋە باشقا شتاتلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى شۇنىڭدەك ئامېرىكىلىق مېھمانلار ئىشتىراك قىلغان مەزكۇر يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، كۆپچىلىكنى جۇمھۇرىيەت كۈنى بىلەن تەبرىكلىدى.

ئارقىدىن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىدا ياشاپ پائالىيەت قىلىۋاتقان، سىياسىي پائالىيەتچى غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى ھەمدە 40 - يىللاردا قەشقەردە ئوقۇغۇچى ۋاقتىدا ئېيتقان ئىنقىلابىي ناخشىلارنى كۆپچىلىككە ئوقۇپ بەردى. 1944 - 1949 - يىلىدىكى ئىلى، ئالتاي ۋە تارباغاتاي، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا پارتلىغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا ئىشتىراك قىلغان، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مىللىي رەھبەرلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەدھەمجان ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنقىلاب كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە توختالدى. پائالىيەت جەريانىدا يەنە سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى .

بۇ قېتىمقى جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەن - مائارىپ ئورگىنىنىڭ 2008 - يىلىنى مەھمۇت قەشقەرى يىلى قىلىپ بېكىتىشى يۈزىسىدىن 11 - ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ "تۈركىي تىللار دىۋانى" ھەققىدىمۇ ئىلمىي مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخى، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ قەبرىسىنىڭ تېپىلىشى ھەمدە "تۈركىي تىللار دىۋانى"نىڭ ئىلمىي قىممىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆز مۇھاكىمىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، مىللىي ئازادلىق يولىدا قۇربان بولغانلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت