ۋاتىكان خىتاي ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن بىشوپنىڭ كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى

10-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى ۋاتىكان بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خېيلۇڭجاڭ ئۆلكىسىگە كاتولىك دىنىي بىشوپى قىلىپ تەيىنلەنگەن يۈې فۇشېڭنىڭ كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 6-ئىيۇل جۈمە كۈنى 400 كىشىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، يۈې فۇشېڭنى خېيلۇڭجاڭ ئۆلكىسىگە كاتولىك دىنىي بىشوپى قىلىپ تەيىنلىگەن. يۈې فۇشېڭ خىتايدا قۇرۇلغان ۋەتەننى سۆيۈش كاتولىك جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. ۋاتىكان ئىلگىرىكى باياناتىدا، ۋاتىكاننىڭ رۇخسىتىسىز ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ھەرقانداق دىنىي ئۆلىمانىڭ ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. شۇنداقلا يۈې فۇشېڭنىڭ ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن دىنىي ۋەزىپىنى قوبۇل قىلسا، دىنىي قائىدە نىزاملار بويىچە جازالىنىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن ئىدى.

خىتايدا ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئىشلارغا ئارىلىشىشى خەلقئارا دىنىي جەمئىيەتلەر ھەم كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز تەنقىدلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى قويۇپ، دىنىي ئۆلىمالارنى ئۆزى تاللاپ ۋەزىپىگە تەيىنلەش قىلمىشلىرى خىتاينى ئەيىبلەشتىكى ئاساسى مەسىلىلەر بولماقتا.