ۋېن جىياباۋ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، ئالدىنقى كۈنى غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا،خىتايدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 59 يىللىقى ۋە خىتايدا ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان تەبرىك نۇتقىدا خىتاينىڭ تۈپ سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008-09-30
Share

ۋېن جياباۋ 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى خىتاي خەلقىنىڭ 100 يىللىق ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى، دەپ تەسۋىرلەپ، خىتاينىڭ ھەر ساھەدىكى ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتى، نەتىجىلىرى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم قۇرۇش بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ۋە ئىسلاھات يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز كېرەك" دېگەن.

ئۇ يەنە جۇڭگو ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىگە يېقىندىن ئەگىشىپ دېڭ شاۋپىڭ ئىدىيىسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ئىدىيىلىرىنى يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەشكە چاقىرغان. ھالبۇكى ئۇ خىتايدا دېموكراتىيىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىلگىرى سۈرۈشنى تىلغا ئالمىغان.

تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى رەھبىرى، دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى ۋاڭ دەن رادىئومىزدا خىتاينىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئىسلاھاتى ھەققىدە ئوبزور ئېلان قىلىپ، "دەرۋەقە خىتاينىڭ ئىقتىسادىدا زور تەرەققىيات بارلىققا كەلدى، ئەمما بۇ جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسەتمەيدۇ، خىتاي كومپارتىيىسى كۆرسىتىۋاتقان جۇڭگوچە تەرەققىيات خەلق مەنپەئەتى بىلەن دەل تەتۈر تاناسىپلىقتۇر، شەنشىدىكى قۇل ئىشچىلار ۋەقەسىدىن ئىبارەت بىرلا مىسال خىتايدىكى بۇ بىنورمال ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ئاجىز خەلقنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ئاجايىپ زور بەدەل بېرىشى ۋە ناھەقلىق ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ،" دېدى.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت