ۋېن جياباۋ زەھەرلىك سۈت سەتچىلىكىدە ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات
2008.10.18
2008.10.18
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئامېرىكىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ ھەپتىلىك ژۇرنىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، "ھۆكۈمەت 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ كېسەل بولۇشىغا سەۋەب بولغان بۇ كرىزىسنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدۇ." گەرچە مەسىلىلەر شىركەتلەردە ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، لېكىن بىزچە بۇنىڭدا ھۆكۈمەتنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار" دېگەن.
ۋېن جياباۋ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ نەشىر ئورگانى ھېسابلانغان خىتاي كۈندىلىك گېزىتىدىمۇ نەشىر قىلىنغان مەزكۇر سۆھبىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشلەپچىقىرىش ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش مەسىلىسىگە سەل قارىغان دەپ كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر خىتاي رەھبىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بىر مەسىلىدىكى كەمچىلىكىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشى، خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتى تارىخىدا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان بىر ۋەقە ئىكەن.









