ۋېن جياباۋ : خىتاي ئېكسپورتىدىكى تۆۋەنلەش ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي چېكىنىش دەۋرىدىن يېقىن كەلگۈسىدە چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بلۇمبېرگ تورىدا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ۋېن جياباۋ شۇ سەۋەبتىن خىتاي نۆۋەتتە يولغا قويغان پۇل - مۇئامىلە سىياسىتىنىڭ يەنە بىر مەھەل داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جېجىياڭ ئۆلكىسىدە زىيارەتتە بولغان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، خىتاي ئېكسپورتىدىكى تۆۋەنلەشنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكى، شۇڭا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولۇپ كەتمەسلىكى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان، چەتئەللەردە خىتاي ماللىرىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ تۆۋەنلىشى خىتاي ئىگىلىكىدە چېكىنىش پەيدا قىلغان. نەتىجىدە نۇرغۇن خىتاي زاۋۇتلىرى تاقىلىپ قالغان ئىدى.

خىتاي مەزكۇر مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 586 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىپ، دۆلەت ئىچىدە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىشقا ۋە ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى.

خىتاي مەركىزىي بانكىسىمۇ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋېن جياباۋنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرى خىتايغا مەبلەغ سالغۇچىلاردا خىتاينىڭ يۇقىرىقى سىياسەتلىرىگە نىسبەتەن دېلىغۇللۇق پەيدا بولۇۋاتقان پەيتلەرگە توغرا كەلگەن.