ۋۇخەندە بىر قىسىم كارخانىچى ۋە ئاھالىلەر 3 كۈن يول توسۇپ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھەرلىك ھۆكۈمىتى، شەھەرنىڭ شىديەنچۈ دېگەن رايوندىكى لاياقەتسىز دەپ قارالغان كارخانىلارنى كۆچۈرۈۋېتىش ئۈچۈن، مەزكۇر رايونغا قارىتا توك توختىتىش تەدبىرى قوللانغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.02.20

نەتىجىدە مەزكۇر رايوندىكى زاۋۇت،كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە ئاھالىلەرمۇ ئېلېكتردىن مەھرۇم قالغان. بۇنىڭ بىلەن شىديەنچۈ رايوندىكى بىر قىسىم كارخانا ئىشچىلىرى ۋە، ئاھالىلەر بولۇپ 300دىن ئارتۇق كىشى، پەيشەنبە كۈنى شەھەرنىڭ خەنياڭ چوڭ يولىغا توپلىنىپ، يول توسۇپ ئولتۇرۇۋېلىش شەكلىدە ھۆكۈمەتكە قارىتا نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن.

شۇ كۈنى كىشىلەر بۇ جايغا «خەلقنىڭ ھېسسىياتى ۋە ئىرادىسى ھۆرمەت قىلىنسۇن!»، «بىزگە ھاياتلىق كېرەك، ياشىسۇن خەلق!» دېگەندەك لوزۇنكىلارنى ۋە ئورۇندۇقلارنى كۆتۈرۈپ كېلىپ يول توسۇپ ئولتۇرۇۋالغان. نەتىجىدە شەھەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنىڭ قاتناش-ترانسپورتى ئېغىر دەرىجىدە ئاقسىغان.

يول توسۇش ھەرىكىتى پەيشەنبە كۈنىدىن شەنبە كۈنىگىچە 3 كۈن داۋام قىلغان. رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، مەزكۇر ئاھالىلەر رايونىدىكى كىچىك زاۋۇت،كارخانىلار ئالاقىدار سۈپەت ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن كەلمىگەچكە، رايوندىن كۆچۈشكە مەجبۇرلانغان.

يەنە دائىرىلەرنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ خىل تاقىلىش ۋە كۆچۈرۈلۈش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن كارخانىچىلار ۋە قول ھۈنەرۋەنلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى سۈركىلىش، يالغۇز شىديەنچۈ رايوندىلا ئەمەس، شەھەرنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ داۋاملىق يۈز بەرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.