ۋيېتنامدا خىتايغا قارشى ئونىنجى قېتىملىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.08.14
2011.08.14
كوممۇنىست ۋىيېتنام كوممۇنىست خىتايغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ 10-قېتىملىق نامايىشنى توسمىدى.
ۋيېتنامدا ئۆتكۈزۈلگەن بۈگۈنكى خىتايغا قارشى نامايىش، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون بەلگىلىك ئەڭ چوڭ ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى پاراخوتلار توپى ۋىيېتنام قىرغاقلىرىدىن ئۆتكەندە، ۋىيېتنام رەھبەرلىرى تىك ئۇچۇرلار بىلەن كېلىپ بۇ چوڭ ئاۋىئاماتكىنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتقا توغرا كەلدى.
ۋيېتناملىقلار خىتاينى بىر نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان كېڭەيمىچىلىك قىلىشتىن ۋاز كەچمىدى، دەپ قارايدۇ. خىتاي 1979-يىلى ۋيېتنامنىڭ جازىسىنى بېرىپ قويۇش دېگەن نام بىلەن قوزغىغان ئۇرۇش، 1998-يىلى پاراسىل ئاراللىرىدا 70 نەپەر ۋيېتناملىقنى ئۆلتۈرگەنلىكى، يېقىندا يەنە ۋيېتنامنىڭ دېڭىزدىن نېفت قازىدىغان ئەسلىھەلىرىنىڭ ئېلېكتر سىمىنى بۇزۇۋەتكەنلىكى، ۋيېتناملىقلارنىڭ كونا تارىخىي ئاداۋىتىنى ئاشۇرغان ئىدى.