خىتاي نېفىت گۇرۇھى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرى قۇرۇش پىلانىنى ئاشكارىلىدى
2010.12.06
شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر گاز ئامبىرىنى خىتاي نېفىت- تەبىئىي گاز ھەسسىدارلىق شىركىتى ياسايدىغان بولۇپ، ئامبار 2011- يىلى قۇتۇپى ناھىيىسىدە ياسىلىدىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، مەزكۇر ئامبارنىڭ سىغىمچانلىقى 2 مىليارد كۈپ مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، ئۇ رايون خاراكتېرلىك تەبىئىي گاز يېتىشمەسلىك ھادىسىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.
قۇتۇپى رايونىغا ياسىلىدىغان ئىستراتېگىيىلىك تەبىئىي گاز ئامبارلىرىنىڭ ئومۇمىي سىغىمى 10 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈلىدىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ئامبارغا ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىمپورت قىلىنغان گازلار قاچىلىنىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى " غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى" ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كەلمەكتە ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى تۇرۇبا لىنىيىلىرىنى يەنە كۆپەيتىشنى پىلان قىلىۋاتقان ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئېلىنىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىنى يەنە ئاشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان شارائىتتا، ئۇيغۇر ئېلىدە تەبىئىي گاز يېشىلمەسلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى كۆزەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.