ئامېرىكا، ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى مىسىردا يىغىن چاقىردى

9 - نويابىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدىن ئىبارەت تۆت تەرەپ ئەربابلىرى مىسىردا ئۇچرىشىپ، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى جۈملىدىن پەلەستىن - ئىسرائىلىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئەنگلىيە ب ب س ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۆھبەت جەريانىدا تۆت تەرەپ بىردەك ھالدا كېلەر يىلى موسكۋادا يىغىن چاقىرىپ، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تىنچلىق كېلىشىمىنى تۈزۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە قارار قىلغان.

ئەسلىدە ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىنىڭ ئاناپولىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى يىغىنىدا پرېزىدېنت بۇش ۋەزىپىدىن قېلىشتىن ئىلگىرى تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ تۈزۈلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش قارار قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئەمەلگە ئاشمىغان. يىغىن جەريانىدا ب د ت باش سېكرىتارى بانكىمون پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ تۈزۈلمەسلىكىگە سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىل، قۇددۇسنىڭ ئورنى مەسىلىسى، پەلەستىن دۆلىتى بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ چېگرىسى ھەمدە پەلەستىن مۇساپىرلىرى مەسىلىسى بولۇپ، پەلەستىن تەرەپ بۇ مەسىلىلەر ھەل بولماي تۇرۇپ، كېلىشىم تۈزۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يېڭىدىن سايلانغان ئوباما دەۋرىگە قالغان. بۇ بەلكى رايىس خانىمنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە ئائىت ئاخىرقى بىر قېتىملىق يىغىنغا قاتنىشىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

پرېزىدېنت بۇش دەۋرىدىن، يېڭى پرېزىدېنت باراك ئوباماغا ئوتتۇرا شەرق كرىزىسى، ئىران يادرو مەسىلىسى شۇنىڭدەك رۇسىيە - ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى مەسىلىسى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئېشىپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.