خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە فوند جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سايلاپ چىقىلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، فرانسىيىنىڭ مالىيە مىنىستىرى كىرىستىن لاگارد خانىم تۈنۈگۈن، خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئورگىنىنىڭ باشلىقلىقىغا تاللاندى.

لاگارد خانىمنى بۇ خەلقئارالىق ئورگاننىڭ 24 ئەزاسى ئاۋاز قويۇش ئارقىلىق تاللاپ چىقتى. بۇ 66 ياشلىق خانىم ھازىر، دۇنيادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاياللارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ ھوقۇقلۇق ئايال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، لاگارد خانىمنى ياۋروپالا ئەمەس، رۇسىيىمۇ، خىتايمۇ قوللىدى. ئەمدى ئۇ، پۈتۈن يار شارىنىڭ ئىقتىسادىغا تەھدىت بولۇۋاتقان ياۋروپا ئىقتىسادىي كرىزىسىغا تاقابىل تۇرىدىغان تەدبىر قوللىنىدۇ.

خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە فوندىنىڭ 2 مىڭ 5 يۈز خىزمەتچىسى بار، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 800 نەپەر ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى بۇ ئورگاننى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ. بۇ ئورگاننىڭ سابىق باشلىقى ستراۋس كاھن ئۆتكەن ئايدا، نيۇيوركتا سادىر قىلغان جىنسى سەتچىلىك تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.