ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر تەتقىقات ئورنى ' شىنجاڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ' دەپ تونۇش تەكلىپى بەردى
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.11.14
2008.11.14
"ئامېرىكا - خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى: ئامېرىكا سىياسىتىدىكى مەسىلىلەر" ماۋزۇلۇق بۇ دوكلاتتا، خىتاينىڭ 11" - سېنتەبىر ۋەقەسى"دىن كېيىن ئامېرىكا باشلىغان تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى شەرتسىز قوللىغانلىقى، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خىتاينىڭ مەيدانى تەۋرىنىشكە باشلىغانلىقى، 2005 - يىلدىن باشلاپ ھەمكارلىق كۆلىمىنىڭ تارايغانلىقى، بولۇپمۇ 2007 - يىلى تالىبانلارنىڭ قولىدا خىتاي قوراللىرى بايقالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تېخىمۇ ئەندىشە قىلىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتتا يەنە،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، دىنىي ۋە ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرىنى باستۇرغانلىقى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئۇيغۇرلارغا قارشى قوللانغانلىقى، بۇ ئەھۋال ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى ئەندىشىگە سالغانلىقى، دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىكنى توختىتىش توغرىسىدا بىر قانچە قېتىم قارار ماقۇللىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
دوكلاتتا يۇقىرىقى تەكلىپلەردىن باشقا يەنە، ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلىش، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە مەجلىس خادىملىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە تەشكىللەش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 1991 - يىلى قارار ماقۇللاپ، تىبەتنى بېسىۋېلىنغان زېمىن، دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىنىمۇ بېسىۋېلىنغان زېمىن، دەپ تونۇشنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يولغا قويالايدىغان سىياسەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.









