شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى»نى تەشۋىق قىلىش مۇنداق مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقان:
«شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى توغرا تونۇپ يېتىش»، «شىنجاڭنىڭ ئەزلەدىن كۆپ مىللەتلىك رايون ئىكەنلىكىنى توغرا تونۇش» ۋە «شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولغان رايون ئىكەنلىكىنى توغرا تونۇش» تىن ئىبارەت.
مەزكۇر سىياسىۋىلاشقان تارىخ تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىش نىشانى ئاساسلىقى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر بولۇپ، مەزكۇر تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئېلىپ بارىدىغان گۇرۇپپىلار ئىلگىرى كېيىن ئىلى، چۆچەك، ئالتاي، قۇمۇل، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق بارلىق ۋىلايەتلەرگە ئەۋەتىلىپ، ئۆز تەشۋىقاتىنى باشلايدىكەن.
خىتاينىڭ مەزكۇر ئىدېئولوگىيىلىك تەشۋىقات ھەرىكىتى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەردىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىمۇ تەڭ ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى.