خەلقئارا ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۈر يىغىن ئاشلىق مەسىلىسى، يەر باشقۇرۇش تۈزۈمى، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسى، شەھەر ۋە يېزىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق يېڭى سىياسەتلەرنى بەرپا قىلىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن، خىتاينىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋىتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغىنىغا 30 يىل توشقان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ بىر مەيدان ئىسلاھات يېزىلاردا يولغا قويۇلغان ھۆددىگە بېرىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىككە ئايلاندۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىشى مۇمكىن.
