خىتاي ئىككىنچى تۈركۈمدىكى شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 21 - ئۆكتەبىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دا مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئىككىنچى تۈركۈمدە بېكىتكەن شەرقى تۈركىستان تېررورچىلار تىزىملىكىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم ئېلان قىلغان " شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرى" تىزىملىكىگە، مەمتىمىن مەمەت، ئەمەت ياقۇپ،مەمەت تۇرسۇنجان ئىمىن، مەمەت تۇرسۇنجان ئابدۇخالىق، شەمشىدىن ئەخمەت ئابدۇمىجىت، ئەكرەم ئۆمەرجان، ياقۇپ مەمەت، تۇرسۇنجان توختى قاتارلىق سەككىز نەپەر ئۇيغۇر ئېلىنغان بولۇپ، شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىرى ھەم ئەزالىرى دەپ قارالغان بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچى دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ،بىراق بىرەر تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئائىت كونكرېت پاكىت كۆرسەتمىگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، يېڭى تىزىملىككە ئېلىنغان بۇ سەككىز نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى نۆۋەتتە چەتئەللەردە ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2003 - يىلى 12 ئايدا بىرىنچى تۈركۈمدە شەرقى تۈركىستان تېررورچىلار تىزىملىكىگە ئېلىنغان 11 ئۇيغۇرنى ئېلان قىلغان ئىدى.