شايار تۈرمىسىدىكى خىتاي ئادۋوكاتنى يوقلاشقا رۇخسىتى بېرىلدى

خىتاي دائىرىلىرى شايار تۈرمىسىدىكى خىتاي ئادۋوكاتنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا 10 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يوقلاشقا رۇخسىتى بەرگەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.01.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

نيۇ-يورك شەھىرىگە جايلاشقان «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق» تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار تۈرمىسىگە قاماقلىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى گاۋ جىشېڭنىڭ ئىنىسى ۋە قېيناتىسى 12-يانۋار ئۇنى يوقلىغان. گاۋ جىشېڭنىڭ ئايالى گېڭخۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئەقلى-ھوشى جايىدا ئىكەن.

بۇ، گاۋ جىشېڭ تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۇ تۈرمىگە قامالغاندىن بۇيان ئىككىنچى قېتىم يوقلاش رۇخسىتى ئېلىشى. گاۋنىڭ ئائىلىسى ئۇنى 2011-يىلى دېكابىردا بىر قېتىم يوقلاپ كەلگەن ئىدى.

گاۋ جىشېڭ 2006-يىلى «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازاغا تارتىلغان، كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، 2009-يىلى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. 2011-يىلى ئۇنىڭ شايار تۈرمىسىگە قامالغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.