بېيجىڭدا ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تاياق يېدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قانۇن ھىمايىچىلىرىدىن دوكتور شۈ جىيوڭ بېيجىڭنىڭ تاۋرەنتىڭ دېگەن جايىدا نامەلۇم ئادەملەر تەرىپىدىن ئۇرۇلغان بولۇپ، تاياق يېگەن باشقا قانۇن ھىمايىچىلىرى ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىنى زىيارەت قىلىش پائالىيەتلىرىنى توسۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.10.19

قانۇن ھىمايىچىسى شۈ جىيوڭ بېيجىڭ پوچتا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، خېنەن ئۆلكىسىدىن ئەرز قىلىشقا كەلگەن ئەرزدارلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بارغاندا تاياق يېگەن بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال ئىلگىرىمۇ يۈز بەرگەن ئىكەن.

بېيجىڭغا ئەرز قىلىشقا كەلگەن ئادەملەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن بولۇپ، ئولىمپىك مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ قوغلانغانلىقى ھەمدە بېيجىڭ شەھىرىگە كىرىشى توسۇلغانلىقى مەلۇم. بۇ ئەرزدارلار ساقچى خادىملىرىنىڭ قوغلاش ۋە ئۇرۇشلىرىغا دائىم ئۇچرايدىكەن.

نۆۋەتتە، بېيجىڭغا ئەرز قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە تەقدىرى ئىنسان ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققەت نەزىرىدىن ئورۇن ئالغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.