خىتاي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا نارازىلىق ئىنكاسى بىلدۈردى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 8-ئاپرېل كۈنى «2010-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» ئېلان قىلىپ، خىتاي، رۇسىيە، ئىران قاتارلىق بىر قىسىم ئەللەرنىڭ 2010-يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 2010-يىلىدىكى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ بىر قىسىم ساھەلەردە ناچارلاشقانلىقىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئۆكتىچى زاتلارنىڭ قولغا ئېلىنىپ جازالىنىشى، ئىنتېرنېت ،مەتبۇئات ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە بولغان كونتروللۇقنىڭ كۈچەيتىلىشى، شۇنىڭدەك تىبەت ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقى قاتارلىق تېمىلارغا كۆپ ئورۇن بېرىلگەن ئىدى.

دوكلاتتا يەنە 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 9-ئاپرېل كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭلېي نارازىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەنقىدلىرىنى رەت قىلدى. 10-ئاپرېل كۈنى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى يەنە «ئامېرىكىنىڭ 2010-يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات» ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلدى.

خىتاي دوكلاتىدا ئامېرىكىدىكى جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە ئىنتېرنېتقا بولغان كونتروللۇق قاتارلىق تەرەپلەرنى كۆرسەتكەن ھەمدە ئامېرىكىنى ئەيىبلىگەن.

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ھەر يىلى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىش بىلەن تەڭ ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.