خىتاي خەلقئارا جامائەتنىڭ تۇتقۇن پروفېسسور ليۇ شاۋبونى قويۇۋېتىش تەلىپىنى رەت قىلدى

تۈنۈگۈن دۇنيادىكى بىرقىسىم نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ساھىپلىرى ۋە خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىلىرى خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋغا ئوچۇق خەت يېزىپ سىياسىي تۇتقۇن، پروفېسسور ليۇ شاۋبونى شەرتسىز ۋە دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2008-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ليۇ شاۋبۇ خىتايدىكى مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچى بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتايدا ئېلان قىلىنغان، خىتايدا سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، 2008 نىزامنامىسى نامىدىكى چاقىرىقنامىگە ئىمزا قويغان ۋە ئىمزا توپلىغۇچىلارنىڭ يېتەكچىسى ئىدى. ليۇ شاۋبونى قويۇۋېتىش ھەققىدىكى ئوچۇق خەتكە، Umberto Eko،Nadine Gordimer،Hari Kunzru قاتارلىق نوبىل ساھىپلىرى ۋە باشقا خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى بولۇپ، 150 كىشى ئىمزا قويغان. ئوچۇق خەتتە ليۇ شاۋبونىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ يولسىزلىق ئىكەنلىكى تەنقىد قىلىنغان.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى، مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا دۇچ كەلدى. مۇخبىر: " ليۇ شاۋبو، پەقەت ئاساسىي قانۇننى ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلغان، بۇنىڭ نەرى جىنايەت؟" دەپ سورىغان. باياناتچى جاۋابىدا، ئۆزىنىڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئۇ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە، خىتاينىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، مەسىلىلەرنى قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ليۇ شاۋبونىڭ لايىھىلىشىدە ئېلان قىلىنغان 2008 نىزامنامىسىدا، خىتايدىكى مەۋجۇت ئاساسىي قانۇننىڭ خىتاي خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۈزۈلگەنلىكى تەنقىد قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت