خىتاي، ئامېرىكىنىڭ ليۇ شياۋبونى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى تەلىپىنى رەت قىلدى

8 - دېكابىر خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ليۇ شياۋبو ۋە جاڭ زۇخۇا دىن ئىبارەت ئىككى نەپەر نوپۇزلۇق خىتاي يازغۇچىنى سەۋەبسىز تۇتقان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008-12-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گەرچە جاڭ زۇخۇا بىر قانچە سائەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ليۇ شياۋبونىڭ خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا بىر ھەپتىدىن ئاشتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ليۇ شياۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ،مەزكۇر تەكلىپ خىتاينىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.

بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ليۇ شياۋبونى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئىپادىلەپ " بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز " دېگەن.

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى باياناتچىسى مەككورماك، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يازغۇچى ليۇ شياۋبو قاتارلىقلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىدىن ئەجەبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇلارنى قويۇۋېتىشكە شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ ئوي ‏ - پىكرىنى تىنچ يول بىلەن ئىپادىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىققا ۋە ئۇلارنى جازاغا ئۇچراتماسلىققا چاقىرغان.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى" ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىق ھارپىسىدا، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي تەقرىزچى ليۇ شياۋبو ۋە يازغۇچى جاڭ زۇخۇالارنى سەۋەبسىز تۇتۇپ كېتىشى خەلقئارا ئاخبارات ساھەسى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا زور تەسىر قوزغىغان ۋەقە بولۇپ قالدى.

16 - دېكابىر ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئەزا 27 دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ ليۇ شياۋبونى تۇتۇش سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلدى.


تولۇق بەت