خىتاي ھەقىقىي ئاپتونومىيە نامىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى بىلەن بېيجىڭ دائىرىلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان 3 - نۆۋەتلىك سۆھبەت ئاياغلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خىتاي ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى تىبەتلەرنىڭ "ئالىي ئاپتونومىيە" تەلەپلىرىنى ھەرگىز قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

10 ‏ - نويابىر دۈشەنبە كۈنى، خىتاي بىرلىك سەپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جۇ ۋېيچۈن، ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت جەريانىدا دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرىنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ھالدا تىبەتكە "ھەقىقىي ئاپتونومىيە" تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەمما خىتاينىڭ ھەقىقىي ئاپتونومىيە نامى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە " بىز بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايمىز" دېدى.

جۇ يەنە، دالاي لاما تەرەپ بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان 3 - نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭمۇ نەتىجىسىز ئاياقلاشقانلىقىنى، سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىز بولۇشىغا تىبەت تەرەپنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما تىبەتلەرنىڭ دارامسالادىكى سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى كارما چوپھەل، بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدا خىتاي تەرەپ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە ھەرخىل ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى قانۇن پروفېسسورى مىشېل دەيۋىس بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ مەغلۇپ بولۇشى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ تىبەت ۋەكىللىرىنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلغانلىقىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ھەمدە بۇ ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

31 - ئۆكتەبىردىن 5 - نويابىرغىچە تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ لودى گەرى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللىرى خىتايدا بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدى.