خىتاينىڭ 46 قېتىملىق يادرو سىنىقى 129 مىڭ ئۇيغۇرنى ئۆلتۈردى

ياپونىيىدە چىقىدىغان 'سانكېي شىنبۇن' گېزىتى 4 ‏ - ئاينىڭ 30 ‏ - كۈنى ساپپورو مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېۋتىنىڭ پروفېسسورى تاكادا نىڭ 'خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يىپەك يولىدا يولغا قويغان يادرو تېررورچىلىقى' مەۋزۇلۇق ئىلمىي تەتقىقاتىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ ھەقتىكى ماقالىلارنى 5 ‏ - ئاينىڭ 1 ‏ - كۈنى 'بوشۈن تور بېتى' قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىمۇ تەرجىمە قىلىپ باستى.

ساپپورو مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېۋتىنىڭ پروفېسسورى تاكادا خىتاي قەدىمقى كروران رايونىدا ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقىنىڭ تەسىرىنى، ئۇنىڭ پارتلاش كۈچى، رادىئاكتىپ مېقتارى، ھاۋا رايى مەلۇماتلىرى، نۇپۇس كۆلۈمى ھەققىدە خىتاي ئۆزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن ھېسابلاپ، بۇ سىناقلاردا زىيانغا ئۇچرىغان نۇپۇس سانىنى ئېنىقلاپ چىققان.

مۇتەسسىس تاكادا نىڭ ئېنىقلىشىچە، خىتاي قەدىمقى كروران رايونىدا ئېلىپ بارغان 46 قېتىملىق يادرو سىنىقىدا 190 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئۆلتۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە 1 مىليون 290 مىڭ ئادەمنى رادىئالتىپ نۇرلار بىلەن داغلىدى. بۇنىڭ تەسىرىدە غەيرى شەكىلدە تۇغۇلغان بوۋاق سانى 35 مىڭدىن، قان راكىغا گىرىپتار بولغان ئادەم سانى 3700 دىن، قالقانسمان بەز راكىغا گىرىپتار بولغان ئادەم سانى13 مىڭدىن ئاشىدۇ.

پروفېسسور تاكادا نىڭ ئېنىقلىشىچە، خىتاي بۇ رايوندا ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقىنىڭ ھاياتلىققا زىيان سېلىش دەرىجىسى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوكىناۋادا پارتلىغان ئاتوم بومبىسدىن 4 ھەسسە يۇقۇرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاينىڭ يادرو سىناقلىرى شۇ رايوندا ياشايدىغان خەلق ئۈچۈن ھېچقانداق قوغدىنىش تەدبىرلىرى قوللىنىلمىغان، ئۇچۇر ۋاستىلىرى قاتتىق قامال قىلىنغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ، تىپىك دۆلەت جىنايىتى.

پروفېسسور تاكادا ھازىر، 1964 ‏ - يىلىدىن 1996‏ - يىلىغىچە خىتاينىڭ يادرو بورانلىرى داۋام قىلغان رايونلارغا بېرىپ سىاياھەت قىلغان 270 مىڭ ياپونلۇققا قانداق تەسىر يەتكەنلىكىنى تەكشۈرمەكتە.