خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئاۋسترالىيىدە رەسمىي زىيارەتتە بولماقتا

خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئاۋسترالىيىدىكى 4 كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچىياڭنىڭ 8 - ئايدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئاۋسترالىيە زىيارىتىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.10.29

گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر خىتاي تىلىنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدىغان كېۋىن رۇد ئاۋسترالىيىگە باش مىنىستىر بولغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەت بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ كەتكەن ئىدى.

بۇ يىرىكلىك خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىنىڭ رىئو-تېنتو كان شىركىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مەسئۇللىرىنى قولغا ئېلىشى بىلەن باشلىنىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ مېلبورن فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاۋسترالىيىگە بېرىش مەسىلىسى بىلەن تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئاۋسترالىيىگە دېپلوماتىك يوللار ئارقىلىق بېىسم ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پايدىسى بولمىغان ئىدى. بۇنىڭغا نارازى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى لى كېچياڭنىڭ 8 - ئايدا ئاۋسترالىيىگە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

كېيىن ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ پولات - تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى بىر تۆمۈر رودا كېنىغا مەبلەغ سېلىشىنى دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە چېتىلىدىغانلىقى سەۋەبى بىلەن توسقان ئىدى.

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ كەتكەن مۇشۇنداق بىر پەيتتە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان ئىدى.

لى كېچياڭنىڭ بۇ قېتىم ئاۋسترالىيىگە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇزلارنى ئېرىتىش ۋە ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر زىيارەت دەپ قارالماقتا. لى كېچياڭ بۇ زىيارىتىدە ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى كېۋىن رۇد بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە لى كېچياڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرغاندىن كېيىن يېڭى زېلاندىيە ۋە پاپۇئا نيۇگىنا قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ زىيارەت ئېلىپ بارىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.