خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ پائالىيىتى ئۈستىدىكى چەكلىمىنى بىكار قىلدى
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات
2008.10.18
2008.10.18
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدىكى پائالىيەتلىرى ئۈستىدىكى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلغان بولۇپ، يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن چەتئەل مۇخبىرلىرى بۇندىن كېيىنمۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن رۇخسەتسىز، خىتايدا پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىكەن ھەمدە كىشىلەرنى زىيارەت قىلالايدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدىكى پائالىيىتى ھەققىدىكى بۇرۇنقى بەلگىلىمىنىڭ، "چەتئەل مۇخبىرلىرى بىر - ر ۋەقە توغرىسىدا خەۋەر بېرىشتىن بۇرۇن، ھەر قايسى رايونلاردىكى تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك "دېگەن ماددىسىنى بىكار قىلىپ تاشلىغان. لېكىن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن چەتئەل مۇخبىرلىرى ئوچۇق بولمىغان رايونلارنى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن يەنىلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن رۇخسەت ئېلىشى شۇنىڭدەك يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىگە ئۆزلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك ئىكەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن چەتئەل مۇخبىرلىرىغا بېرىلگەن بۇ ھوقۇقنى خىتاي مۇخبىرلىرىغىمۇ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، خىتايدىكى مۇخبىرلار خەۋەر بېرىش ياكى بىر ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە يەنىلا قاتتىق توسالغۇ ۋە چەكلىمىلەرگە دۇچ كەلمەكتە.









